تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۈزلۈك ھەرىكەتلىرىدە 382 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۈزدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىپ، 382 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

1542290
تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۈزلۈك ھەرىكەتلىرىدە 382 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك قىسىملىرى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن شۇغۇللانغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەجەللىك زەربە بەردى.

كۈزدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە، ئاتالمىش ​​مەسئۇللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 382 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك ۋە ياشلار قۇرۇلمىسىغا قارشى نۇرغۇنلىغان ۋىلايەتلەردە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە، نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندارلاردىن 165 نەپىرى قولغا ئېلىندى.

بۇ يىل ساقچى ۋە ژاندارمانىڭ قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى بىلەن تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى.

1 - يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى 7 – دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 225 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر