تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا پ ك ك غا زەربە بەردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1541527
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەتىنا رايونىدا چارلاش – كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەييارلىقىدىكى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.