گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان 54 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 54 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1541256
گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان 54 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا بېرىش مەقسىتىدە بالىكەسىرنىڭ چىپلاك ۋە گۈنەش ئاراللىرىدىن يولغا چىققان ئىككى كامېر قۇلۋاقتىكى مۇساپىرلار، گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلاندى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا قىستالغان 54 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر