تۈركىيە تىنچلىق بۇلىقى رايونىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە سۈرىيەدە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان رايوندىكى پۇقرالارغا ئىزچىل ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلماقتا.
1540610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايون خەلقىگە يەتكۈزگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلارغا ئورۇن ئاجرىتىلغان باياناتتا: «2019-يىلى ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە قەھرىمان مەھمەتچىكلىرىمىز تېررورلۇقتىن تازىلىغان، تېررورىستلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلمىدىن ئازاد قىلغان تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلمەكتە» دېيىلدى.