تۈركىيە ئىسلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (İGGT) ئومۇمىي كېڭىشىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

ئىسلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (İGGT) ئومۇمىي كېڭىشى، تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1538146
تۈركىيە ئىسلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (İGGT) ئومۇمىي كېڭىشىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (İİT) نىڭ ئالاھىدە ئورگىنى بولغان ئىسلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (İGGT) نىڭ 3 -  نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى 12 -ئاينىڭ 2 -  ۋە 3-كۈنلىرى  تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى؛ رايوندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش» تېمىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، ئەزا ۋە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەردىن مىنىستىرلار، مۇئاۋىن مىنىستىرلار ۋە نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر بىلەن خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 34 دۆلەت ئىمزا قويغان ئىسلام يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (İGGT) نىڭ خىزمەت ساھەلىرى ئىچىدە، دېھقانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى، چۆللىشىش، ئورمانلارنىڭ يوق قىلىنىشى، يەر تەۋرەش، سۇنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋە چېگرا ھالقىغان كېسەللىكلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر