بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 190كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 190كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1537806
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 190كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 190كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 936گە چىقتى.

بىر كۈندە 180 مىڭ 312كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 101ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارى بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 30 مىڭ 110غا يەتتى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 4 مىڭ 593كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 409 مىڭ 320كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر