بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 188كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 188كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1537085
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 188 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 746گە چىقتى.
بىر كۈندە 176 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 656 ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارى بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى 31 مىڭ 219 غا يەتتى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 4 مىڭ 485كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 404 مىڭ 727 كىشىگە يەتتى.