ئەرەن: بۇ يىلقى «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا دۇنيا كۈنتەرتىپى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن، بۇ يىلقى «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ دۇنيا كەنتەرتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1535356
ئەرەن: بۇ يىلقى «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا دۇنيا كۈنتەرتىپى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەن، بۇ يىل «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىن كېيىنكى خەلقئارالىق تەرتىپ ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار» تېمىسىدا، 1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 4 – نۆۋەتلىك «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە، ئىنسان ۋە ۋىجدان مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بىر ئاڭغا ئاساسەن، يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىدىغان خەلقئارالىق بىر مۇنبەر يىغىنى بولۇشىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە بۇ نىشانلارغا مۆلچەردىكىدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە يېتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقلىرىنى، بۇ يىلقى يىغىننىڭ،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تور مۇھىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ‹TRT World› مۇنبىرى يىغىنىدا، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ دۇنيا كننتەرتىپىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. بۇ ئاساسلىق تېمىلىرىمىز ئارىسىدا، <(ۋۇخەن ۋىرۇسى) مەزگىلىدە رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى>، «يەر شارى خاراكتېرلىك سەھىيە مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى>، «سودا-سانائەت ۋە مائارىپ ساھەسىنىڭ كېلەچىكى> ۋە بۇ مەزگىلدە <ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم> قاتارلىق تېمىلار، بۇ يىلقى يىغىندا تالاش - تارتىش قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى تەشكىل قىلىدۇ.»

نىيەتلىرى ۋە نىشانلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە روشەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم ئەرەن، تۈركىيە جايلاشقان جۇغراپىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزدىنىش باسقۇچىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ مۇنبەر ئارقىلىق بۇ باسقۇچقا ھەسسە قوشۇشنى، چارە – تەدبىر تەكلىپلىرىنىڭ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشىدا تەرجىمان بولۇشنى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ تالاش - تارتىش قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تور بېتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، ھەم  بۇ يىلقى بارلىق ئولتۇرۇشقا قاتنىشالايدۇ، ھەمدە ئولتۇرۇشلىرىمىزنى ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى سەھىپىلىرىمىزدىن ككزىتەلەيدۇ. ئالدىنقى يىلى 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ‹TRT World› مۇنبىرى يىغىنىغا، بۇ يىل تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.»

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىمكانىيەتلىرى ۋە  دۇنياغا ئۆزگىچە نەزەر تاشلاش ئېڭىغا ئاساسەن، يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر قوزغىيالايدىغان بىر ماركىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم ئەرەن، ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان لايىھەلىرى ۋە ئۆزگىچىلىك يارىتىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە دىققەتلەرنى بۇراشنى،  جەمئىيەتنى مەنىۋى جەھەتتىن بېيىتىشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە  تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە، ئىنسانىيەتكە، تىنچلىققا، پاراۋانلىقا ۋە ئادالەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە  ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر