تۈركىيە – ئەنگلىيە بىرلەشمە ھەربىي مەشىق ئېلىپ باردى
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەشىق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەشىق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت «Eurofighter Typhoon» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 132 – قورال – ياراغ ۋە تاكتىكە ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت 2 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تۇنجى ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەشىق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، كونيا 3 – ئاساسلىق ئايروپىلان بازىسى قوماندانلىق ئىشتابىغا يېتىپ بارغان ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت < Eurofighter Typhoon> تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەنىڭ 132 – قورال – ياراغ ۋە تاكتىكە ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت 2 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تۇنجى بىرلەشمە ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»