شەنتوپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۈرك دوختۇرلارنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان گېرمانىيەنىڭ بىيو تېخنولوگىيە شىركىتى  BioNTech نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىنى تەبرىكلىدى.

1530003
شەنتوپ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۈرك دوختۇرلارنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك ئالىملار شاھىن ۋە تۈرەجى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەبرىكلىدىم. ئىككى پۇقرايىمىزنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتى، تۈركىيەگە بولغان ساداقىتى ۋە خىزمەت قىلىش ئېڭى ھەممىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىش مەنبەسىدۇر. ئۇلارنى تەكرار تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر