ھاككارىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ھاككارىنىڭ ئىراق چېگراسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1528895
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چۇقۇرجا ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئوق چىقارغانلىقى، ۋەقەدە كەسپىي سېرژانت ئابدۇراھمان توپۇقسۇزنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كەسپىي سېرژانت ئابدۇرراھمان توپۇقسۇزنىڭ ئىككى يىل ئاۋال ئۆيلەنگەنلىكى، 7 ئايلىق بىر پەرزەنتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.