سۈرىيەدە بىر توپ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رەسۇلەيىن ۋە تەل ئەبيادتا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان 26 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1525385
سۈرىيەدە بىر توپ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ك ك / پ ي د 7 ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىقلارنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى، تىنچلىق بۇلىقى ۋە باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ غەلىبىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ۋەقە پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ۋاقتىدا زەربە بېرلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن رەسۇلەيىن ۋە تەل ئەبياد رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان 26 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بەرپا قىلىنغان تىنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىتنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقلىرى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر