تۈركىيە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئەللىرىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئوتتۇرا ئامېرىكادا مەيدانغا كەلگەن «ئېتا» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ جانغا زامىن بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1523470
تۈركىيە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئەللىرىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئېتا» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ، گۋاتېمالا، ھوندۇراس، پاناما، كوستارىكا، نىكاراگۇئا ۋە بېلىز قاتارلىق دۆلەتلەردە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ۋە ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوست رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىدىن ھال سورايمىز، ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر