چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ۋە كىرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ۋە كىرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

1523460
چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ۋە كىرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ ۋە كىرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى  گورلان گىرلىچ رادمان بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ئانتاليانىڭ بەلەك ساياھەت مەركىزىدىكى بىر مېھمانسارايدا چاقىرىلغان «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرى ھەمكارلىق مۇساپىسى غەيرىي رەسمىي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى» دائىرىسىدە، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئارخىپ ۋە كېلىشىم لايىھەلىرى ساھەلىرىدە ھەمكارلىققا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ مۇقىملىقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە  كىرودىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى  گورلان گىرلىچ رادمان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، كەسپدىشى بىلەن تۈركىيە كىرودىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە  رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر