«تۈركىيە ئۇلۇغۋار نىشانلىق لايىھەلەر ئارقىلىق ئۆزگىچىلىك ياراتتى»
سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، دۇنيا ئىقتىسادى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن كەينىگە چېكىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىق لايىھەلەر ئارقىلىق ئوخشاش سەۋىيەدىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىچىلىك ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.
1523102
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋارانك، تەكىرداغدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ 3 – چارىكىدە كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي زورىيىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىدىمۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»