ئەردوغان: تۈركىيەنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار ھالەتكە كۈلتۈرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1522390
ئەردوغان: تۈركىيەنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە تەييار ھالەتكە كۈلتۈرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدە چاقىرىلغان ئاق پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە مەسئۇللىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىزمىردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 114 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 1035 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قامدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقىنى، بىر ئاي ئىچىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىنالارنىڭ سېلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر تەۋرەش خەۋپى يۈكسەك ۋىلايەتلەردە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. تېخىچە رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك 6 مىليون 700 مىڭ تۇرالغۇمىز بار. بىز كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەپ، ۋەتىنىمىزنى تەبىئىي ئاپەتلەرگە، بولۇپمۇ يەر تەۋرەشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر