تۈركىيە ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن قوراللىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1520790
تۈركىيە ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ۋىيېننادا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. قانچە ئون يىلدىن بۇيان ھەر تۈرلۈك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيە، بۇنداق مۇشەققەتلىك پەيتلەردە ئاۋسترىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر.»

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى قازا قىلغان، 15 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر