گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلادا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن چەت ئەللىك 18 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1520984
گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتى بېرىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن چەت ئەللىك 18 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى. ئاندىن ئۇلار رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر