ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى

ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 24 كە، يارىلانغانلار سانى 804 كە يەتتى.

1519128
ئىزمىردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 25 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، « ئەگە دېڭىزى» دا،  ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە  6.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

16.54 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن،  قازا قىلغانلار سانى 25 كە، يارىلانغانلار سانى 804 كە يەتكەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، شەھەر مىقياسىدا كۆپ ساندا بىنالارمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، رايوندا خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر