ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتە 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشتە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 419 كىشى يارىلاندى.

1519066
ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتە 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئىزمىر سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يەر تەۋرىگەنلىكىنى؛ يەر تەۋرەشتە 12 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 419 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزمىر ۋالىيسى ياۋۇز سەلىم كۆشگەر ھازىرغىچە خارابىلىق ئاستىدىن 70 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر