تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ماكرون قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلامغا قارشى باياناتلىرىنى لەنەتلەپ ماقۇللىغان قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

1517416
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ماكرون قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلامغا قارشى باياناتلىرىغا ئالاقىدار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارنامىسىدە، سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەمكەش ۋە داخىل بولۇۋاتقان توقۇنۇشلارغا تەرەپدار توپلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك باھانىلار بىلەن ئوخشىمىغان ئېتىقارلار ۋە جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئىختىلاپلارنى تۇغدۇرىدىغان ئىغۋاگەرلىكلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقان، دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ، پەقەت ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان جەمئىيەتلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېقىندىن بۇيان بۇنداق ئىللەتلىك ئىغۋاگەرلىكنىڭ ماكروننىڭ باياناتلىرى ۋە ئىجرائاتلىرىدىمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان قارارنامىدە، «مەزكۇر زات، پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاشنى باھانە قىلىپ، پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەتلىرى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى ھەر بىر دىننىڭ مەنسۇبىغا چوڭقۇر ۋە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر توقۇنۇشنى، زىددىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە» دېيىلدى.

قارارنامىدە، يېقىندىن بۇيان فىرانسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان، ھەممە كىشىنى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرۇۋاتقان پەسكەشلەرچە تېررورلۇق  ھەرىكەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا، ھەم ياۋروپادا ھەمدە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا بارلىق دىن، تىل ۋە ئىرق مەنسۇپلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەقەززا قىلىدىغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ، ئىسلامغا قارشى بايانات ۋە ئىجرائاتلارنى توغرىغا چىقارمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ««تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئىسلام دىنىغا، ئۇنىڭ ئەزىز پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىغۋاگەرلىك، ھۆرمەتسىزلىك تۈسىنى ئالغان خەۋپلىك باياناتلىرىنى قاتتىق لەنەتلەيمىز ۋە پاش قىلىمىز؛ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سوغۇققان جامائەت ئەربىابلىرىنى، سىياسىيونلارنى، مۇتەپەككۇرلارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە تۈرلۈك جەمئىيەتلەرنى بۇ قەبىھ پوزىتسىيەلەر ئالدىدا سوغۇققانلىق ۋە تىنچلىق تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىرىمىز. قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش؛ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە كۆپ خىللىق ئېڭىنى، ئىرىقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا يول ئاچقان زەھەرلىك مۇھىتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئۆرنەكلىرى بولۇشتىن ھالقىتىپ، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانۇنىي  تۈسكە ئىگە قىلىش ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر