ماكرون لىۋىيە سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، «(فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل) ماكروننىڭ (ئىسلام ھەققىدىكى) سۆزلىرى دائېش قاتارلىق (تېررورلۇق) تەشكىلاتلىرىغا ئىدىيەۋى ئوق - دورا ۋە ترانسپورت ياردىمى قىلغانلىق بولىدۇ» دېدى.

1517315
ماكرون لىۋىيە سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك پارتىيىەسىنىڭ مەركىزى قارار ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى  يىغىنى جەريانىدا كۈن تەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۆمەر چەلىك ماكروننىڭ لىۋىيە سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماكروننىڭ بۇ قېتىم «ئىسلامچى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن بىر تېررورلۇق قانۇن تەكلىپىنى مىنىستىرلار كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «<فىرانسىيە ئىسلامى> دېگەن گەپنى قىلدى. ئۇ ئۆز كاللىسىچە، دىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ئىنژېنېرلىق پائالىيەتلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوخشىمىغان فورمىلالارغا سالغىنى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. ۋەھالەنكى بۇ بارلىق سۆزلەر، ئىرقچىلىق، نەپرەت جىنايىتى، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىنى كۈشكۈرتىدىغان پوزىتسىيەلەردۇر» دېدى.

ئۆمەر چەلىك يەنە، «ماكروننىڭ سۆزلىرى دائېشقا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى ئىدىيەۋى ئوق-دورا ۋە تىرانسپورت ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىك بولىدۇ. ياۋروپالىق مۇسۇلمانلار ياۋروپا دېموكراتىك جەمئىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. ئۇلارسىز ياۋروپا جەمئىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ شەكىلدە ھۆرمەت ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ھەقلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر