گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلادا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 232 چەت ئەللىك كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1514377
گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسى ساھىللىرىدا 121، بودرۇم ناھىيەسى ساھىللىرىدا 35 ۋە داتچا ناھىيەسى ساھىللىرىدا 76 كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 232 چەت ئەللىك كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى، ئاندىن، ئۇلارنى مارمارىس، بودرۇم ۋە داتچا پورتلىرىغا ئېلىپ باردى.

كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر