گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 59 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1512440
گىرېتسىيە قايتۇرۇۋەتكەن نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسىنىڭ دەنىزكۆي ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 59 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر