تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 72 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 72 كىشى قازا قىلدى

1511503
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 72 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 9 مىڭ 296 گە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 101 مىڭ 403 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 815 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدن چىققان 1504 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 304 مىڭ 3 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر