بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 58 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 58 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1507652
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 58 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 58 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 8 مىڭ 895 كە چىقتى.

بىر كۈندە 115 مىڭ 605 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىڭ 614 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 301 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 295 مىڭ 658 گە چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر