ئاغرىدىن شېھىت خەۋىرى كەلدى
ئاغرىدا تېررورچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 1 ئەسكەر شېھىت بولدى ۋە 1 ئەسكەر يارىلاندى.
1506715
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كەچتە دوغۇبەيازىت ناھىيەسى يېزىلىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
توقۇنۇشتا ئىككى ئەسكەر يارىلانغان. يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بىرسى دوختۇرخانىدا شېھىت بولغان، يەنە بىرسى بالنېستقا ئېلىنغان.
رايوندا تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.