ئاقار ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «مەن، تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ ئىلغار سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

1505745
ئاقار ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان ئىتالىيەنىڭ روما شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

مىنىستىر ئاقار ئەلچىخانىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە «تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئۆزئارا ھەمكارلاشماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ تېخىمۇ ئىلغار سەۋىيەلەرگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رومادىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك باش ئەلچى مۇرات سالىم ئەسەنلىگە ۋە رومادىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ قىممەتلىك خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ساغلاملىق، ئېسەنلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن» دېگەنلەرنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر