چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركىيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كۈتۈلگەن نەتىجىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1504199
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈركىيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن تۈركىيە – ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلەيدىغان نەتىجىلەرنىڭ چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئىتالىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى - نوۋانىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقى ۋە ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە جاۋاب قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى دىيالوگىغا ئاكتىپلىق بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدۇق، بىراق، كېڭەشتىن كۈتۈلگەن نەتىجە چىقمىدى. ئۇلار ئوبيېكتىپ بولۇشتىن يىراق ۋە (شۇنداق بولۇش) ئېھتىمالى بار ئىدى. ئىتتىپاق ئىچى ھەمكارلىقنى خەلقئارا قانۇن ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئالدىغا قويۇش ئۈچۈن پىروگراممىلانغاندەكلا قىلاتتى. نەتىجىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم گىرېتسىيە ۋە قىبرىسلىق رىملار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر