بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن 57 كىشى قازا قىلدى.
1503282
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 57 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 8 مىڭ 498 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 115 مىڭ 632 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 603 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 320 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 286 مىڭ 370 كىشىگە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.