تۈركىيە - گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە – گىرېتسىيە ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو باش ئىشتابىدىكى يىغىنلىرى نەتىجىسىدە «ئومۇمىي پىرىنسىپلار»دا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1501409
تۈركىيە - گىرېتسىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ ناتو باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلىرى نەتىجىسىدە <ئومۇمىي پىرىنسىپلار>دا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى قىسىملارنىڭ بىخەتەر ۋەزىپە ئۆتۈشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تېخىنىكىلىق تەپسىلاتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كېيىنكى قېتىملىق يىغىننىڭ 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 – كۈنى ناتو باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلاناماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر