«ساھەدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1498532
«ساھەدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز»

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن، ئۆزىنىڭمۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشتىن نەپ ئالالايدىغانلىقىنى خام خىيال قىلىۋاتقان ئەرمېنىيە يەنە ھەددىدىن ئاشتى، ئەرمېنىيە بۇ قېتىم جاۋابىنى مەيداندا ئېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇرۇش مەيدانىدىمۇ، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز.»

تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تۇرالغۇ رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇشلار باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر