چەلىك: گىرېتسىيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز ھالەتتىلا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، گىرېتسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش سۆھبەتلىرىنىڭ پەقەت ئالدىنقى شەرتسىز ھالەتتىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1495633
چەلىك: گىرېتسىيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز ھالەتتىلا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى قارار چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان ئەسنادا پارتىيە مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدا توخىتىلىپ، «بىز توقۇنۇش كۇيىدىكى دۆلەت ئەمەسمىز. بىز سۆھبەت، دىپلوماتىيە دۆلىتى. ئۆزىمىزنى رايوننىڭ تىنچلىقىغا مەسئۇل دەپ قارايدىغان، يىلتىزى چوڭقۇر بىر دۆلەتمىز ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «بىز فىرانسىيەنىڭ بۇ يەرنىڭ (شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ) رايون تىنچلىقىغا تۆھپە قوشىدىغان بىرەر پوزىتسىيەسىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى پىكرى بويىچىمۇ ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دەل ئەكسىچە، فىرانسىيە بۇ يەردە ئىنتايىن ئالاھىدە مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. لىۋىيەدىكى ۋە سۈرىيەدىكى سۇغا چىلاشقان سىياسىتىنى ئاقدېڭىز ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى

ئۆمەر چەلىك، گىرېتسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بولسا، «تۈركىيەگە نىسبەتەن سۆھبەت باشلاش جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق. بىرلىرى كېلىپ غايىۋى دەۋالىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قويۇپ، بىزنى <ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار> دېسە، ئۇ يەردە سۆھبەت بولمايدۇ. تۈركىيە بۇ يەردە شەرتسىز سۆھبەتنى قوللايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر