ئەردوغان گىرېتسىيە گېزىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىگە قاتتىق تىل – ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغان گىرېتسىيە گېزىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

1494635
ئەردوغان گىرېتسىيە گېزىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئادۋۇكاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق، گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «‹ Dimokratia› گېزىتى» نىڭ ساھىبى، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە باش مۇھەررىرى ئۈستىدىن «جۇمھۇر رەئىسكە ھاقارەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇندى.

ئەرزنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە گېزىتىنىڭ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزكە قارىتا ئىشلەتكەن ئىبارىلىرى، تىراگېدىيەلىك بىر ئەخلاقي بۇزۇلۇشنىڭ ئەڭ قەبىھ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. گىرېتسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىدىن قاراپ، بۇ ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ پەقەت بىر قىسىم قائىدىسىز كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغانلى بولىدۇ. تىللاش، دەيدىغانغا گەپ تاپالمايدىغانلارنىڭ، ياكى سۆزلەيدىغان گېپى بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىپ بىر تىلدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلارنىڭ ئىشىدۇر.  تىللاش، تىل – ھاقارەتكە ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسچە تىللىغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن نومۇس قىلارلىق ۋە پەسكەشلەرچە بىر ھەرىكەتتۇر. بۇ پەسكەشلەرچە ھەرىكەتنىڭ نىشانى، پەقەت جۇمھۇر رەئىسىمىزلا ئەمەس بولۇپ، جۇمھۇر رەئىسسىمىزنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ۋە ئاراللار دېڭىزىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن قوغداشقا تىرىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىدۇر.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تىل – ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «‹ Dimokratia› گېزىتى» نىڭ مەسئۇللىرى ئۈستىدىن «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھاقارەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈش باشلاتتى.

باش تەپتىش مەھكىمىسى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تىل – ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، مەزكۇر گېزىتنىڭ مەسئۇللىرى ئۈستىدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 12 -، 13 – ۋە 299 – ماددىلىرىغا ئاساسەن، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھاقارەت قىلىش» جىنايىتى سەۋەبلىك تەكشۈرۈش باشلىتىلىشىنى قارارلاشتۇردى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈلمۇ، «‹ Dimokratia› گېزىتى» جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قاتتىق تىل – ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك، گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى كوستاس تسىئاراسقا مەكتۇپ يوللىدى.

گۈل. مەكتۇبىدا مۇنداق دېدى: «تىنچلىقنى مەقسەت قىلىدىغان زاتلارنىڭ خالىس نىيەتلىرىگە ئەسلا ماس كەلمەيدىغان بۇ ئەخلاقسىز ۋە نومۇسسىز ھەرىكەتنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيمەن، ھەمدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن. سىزنىڭ بۇنداق ئەسلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بۇ ۋەھىمىلىك ۋەقەگە قارىتا سەزگۈرلۈك ئاساسىدا پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىڭىزغا ۋە گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر