ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2 مىڭ يىللىق تارىخىي ئاساسقا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
ئەردوغان: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىككى مىڭ يىللىق تارىخىي ئاساسقا ئىگە قەدىمىي بىر دۆلەتتۇر» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەل قىلىش چارىسى ۋە دىيالوگنى تەكىتلەيدىغان بىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشتى.
ئەردوغان ھەر بىر سەمىمىي چاقىرىققا قۇلاق سېلىپ، دىپلوماتىيەگە ئورۇن ھازىرلاش ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ھەممەيلەن ئۇتۇققا ئېرىشەلەيدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىككى مىڭ يىللىق تارىخىي ئاساسقا ئىگە قەدىمىي بىر دۆلەتتۇر. ھېچبىر چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولماستىن، بارلىق مۇساپىلەرنى ئىززەت-ھۆرمىتىمىز بىلەن ئېشىپ، تەرسالارچە ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قەتئىي پىسەنت قىلماي كەلمەكتىمىز. بىز بارلىق دوستانە، سەمىمىي چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىپ، دىپلوماتىيەگە مۇمكىن قەدەر ئورۇن يارىتىش ۋە مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەممەيلەن ئۇتۇققا ئېرىشەلەيدىغان ھەل قىلىش چارىسىغا ئىگە قىلىش نىيىتىدىمىز. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۇيى ۋە بىر سانتىمېتىر زېمىنىنىمۇ مۇشۇ نىشان بىلەن ئاخىرىغىچە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.