تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 61 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 61 كىشى قازا قىلدى.
1494079
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 506 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 95 مىڭ 321 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 519 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدن چىققان 1118 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 266 مىڭ 117 گە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.