تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى گىرېتسىيە گېزىتنىڭ قوپاللىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل گىرېتسىيە گېزىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارشى ماۋزۇسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1493511
تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى گىرېتسىيە گېزىتنىڭ قوپاللىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ گىرېتسىيە گېزىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى ماۋزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى.

مۇستاپا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بۇ ئەخلاقسىزلىقنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، پەسكەشلىكنىڭ سىياسەت ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئۇنى قىلغان ۋە قىلدۇرغانلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە لايىق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى خالايمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇستەسناسىز ھالدا بارلىق ساھەلەردە تېگىشلىك ساۋاقنى بېرىش قۇدرىتىگە ئىگىمىز. ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسىمىزدۇر، باش قوماندانىمىزدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتايمۇ گىرېتسىيە گېزىتىنىڭ قوپاللىقىغا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، «گىرېتسىيەدىكى ئاتالمىش بىر ​​گېزىتنىڭ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قىلغان نە پىكىر ئەركىنلىكى، نە ئاخبارات ئەخلاقىغا ياراشمايدىغان ئەدەبسىزلىكى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىقنىڭ ئورنىغا ئۇرۇشنى، يارىشىشنىڭ ئورنىغا قالايمىقانچىلىقنى قويۇشنى نىشان قىلغان يامان نىيەتنىڭ ئەكس ئېتىشى، رايوندىكى ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت  گۈل بولسا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «گىرېتسىيە دائىرىلىرى بۇ قوپاللىق ۋە جىنايەتكە شېرىك بولماسلىقى، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى دەرھال ئىجرا قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر