گىرېتسىيە گېزىتىنىڭ نومۇسسىزلارچە باش تېمىلىق خەۋىرىگە دىپلوماتىك جاۋاب...

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە گېزىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا نومۇسسىزلارچە باش تېمىلىق خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك، گىرېتسىيە ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1493406
گىرېتسىيە گېزىتىنىڭ نومۇسسىزلارچە باش تېمىلىق خەۋىرىگە دىپلوماتىك جاۋاب...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە گېزىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە نومۇسسىزلارچە  باش تېمىلىق خەۋەر ئېلان قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز گىرېتسىيە ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتۇق. بىزنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىزدا گىرېتسىيەلىك بىر قىسىم سىياسەتچىلەر تەنقىد قىلىنىدۇ، بىزمۇ تەنقىدكە ئۇچرايمىز، تېخىمۇ ئېغىر تەنقىدلەرمۇ بولىدۇ، كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ، بۇنىمۇ تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايمىز. لېكىن، تىل – ھاقارەتكە، ئاخبارات ئەركىنلىكى دائىرىسىدە قارىماسلىق كېرەك. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىمىزمۇ بۇ ھەقتە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر