ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بشلىقى چارلېز مىشېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

1486012
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، گىرېتسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگەدە سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ھەققانىيەت ئاساسىدا ئادا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپالىق سىياسىيونلارنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەردە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى جەھەتتىكى سەمىمىيلىك سىنىقى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى شەرقىي ئاقدېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق پۈتكۈل مەسىلىلەردە ئادىل، تەرەپسىز، ئوبيېكتىپ ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر