ئاقسۇنگۇر 49 سائەت بويىچە ھاۋادا تۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى

تۈركىيەنىڭ «ئاقسۇنگۇر» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى 49 سائەتلىك بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى.

1484024
ئاقسۇنگۇر 49 سائەت بويىچە ھاۋادا تۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى (TAI) نىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا ، 59- قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئاقسۇنگۇرنىڭ جەمئىي ئۇچۇش ۋاقتى 230 سائەتكە يەتكەن. ئاقسۇنگۇر ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچۇشىدا 49 سائەت ھاۋادا تۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.

ئۇچۇردا، بۇ ئىلگىرىلەش «49 سائەت ھاۋادا تۇرۇش ئارقىلىق 59- قېتىملىق ئۇچۇشنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغان ئاقسۇنگۇر، 20 مىڭ ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىككە ئاييۇلتۇزلۇق بايرىقىمىزنى سىزدى... ھەممە نەرسە ۋەتەن ئۈچۈن!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئوتتۇرا ئېگىزلىكتە كۆپ يۈك بېسىش ئىقتىدارىغا ئىگە قوش ماتورلۇق ئاقسۇنگۇرنىڭ  40 مىڭ ئىنگلىز چىسىغىچە بولغان ئېگىزلىكتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر