جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە 300 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن 30 - ئاۋغۇست زەپەرى قۇتلىنىدۇ

30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە 300 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن «30-ئاۋغۇست زەپىرى» تېمىلىق نۇرلاندۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1481470
جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە 300 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن 30 - ئاۋغۇست زەپەرى قۇتلىنىدۇ
erdogan tebrik kutlama
23 Nisan Kutlama (19).jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئانىتكابىر زىيارىتى بىلەن باشلىنىپ، جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە داۋاملىشىدىغان تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرى، پاراتتىن كېيىن كەچتىمۇ يەنە داۋاملىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مۇھاپىزەتچى ئەترىتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باربانچى ئەترىتى ۋە گارمونىكا مۇزىكا ئەترىتى بىرلەشمىسى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20.30 دە زەپەر بايرىمى ئۈچۈن مەخسۇس كونسېرت بېرىدۇ.

كونسېرت جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ يۇتوب قاناللىرىدا شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدىن باشقا يەنە، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ.

كونسېرتتىن كېيىن ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن  جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى ئۈستىدە 300 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن «30-ئاۋغۇست زەپىرى» تېمىلىق نۇرلاندۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى ئۇيۇشۇشچانلىقى، كۈرەشلىرى ۋە غەلىبىسىگە سىمۋول قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر ئاسماندا نۇرلاندۇرۇش ئارقىلىق نامايان قىلىنىدۇ.

ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇرسا، چاناققەلئە، سامسۇن، كونيا، قەيسەرى، ئانتاليا ۋە دىيارباكىر قاتارلىق 7 ۋىلايەتتە تەسىس قىلىنغان ئېلېكتىرونلۇق كۆرگەزمە مەركەزلىرىدىمۇ «30-ئاۋغۇست زەپىرى» تېمىسى ئاستىدا زىيارەتچىلەر كۈتۈۋېلىنىدۇ.

«30-ئاۋغۇست زەپىرى»نىڭ  مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە مىللەتنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، يېڭى كۆرۈنۈش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق شەكىلدە كۆرسىتىلىدۇ.

كىنو ئاۋاز سىستېمىسى بىلەن بىرگە ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىم (گولوگرامما)، 360 گرادۇسلۇق سىن ۋە سىن خەرىتىلەش تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلىپ، «30-ئاۋغۇست زەپىرى» چۈشەندۈرىلىدىغان مەركەزلەردە، ئەمالار ۋە گاسلار  ئۈچۈنمۇ مەخسۇس تېخنېكا ئارقىلىق توسالغۇسىز كۆرۈش ۋە  ئىشارەت تىلى بىلەن ئاڭلاش ئېمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر