ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1479869
ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، شەرقىي ئاقدېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەرھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت ترامپقا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقان تەرەپنىڭ تۈركىيە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە دىيالوگ ئورنىتىىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، بۇنى تاشلاۋاتقان ئىجابىي قەدەملىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر