بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 24 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 24 كىشى قازا قىلدى.

1479149
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 24 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 24 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6163 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  98  مىڭ 231 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1502 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 887 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 239 مىڭ 795 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر