ياۋروپا ئىتتىپاقى مۆتىدىللىق چاقىرىقىنى گرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمەتلىرىگە قىلىشى لازىم

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۆتىدىللىق چاقىرىقىنى گرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمەتلىرىگە قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1476758
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۆتىدىللىق چاقىرىقىنى گرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمەتلىرىگە قىلىشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى نىشان قىلغان مۇساپىنىڭ بىر قىسمى بولماقچى بولسا، بىتەرەپ ۋە سەمىمىي بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۆتىدىللىق چاقىرىقىنى گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمىتىگە قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقسوي ئالدىنقى كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ سىن يىغىنى ئاخىرلاشقاندا ئېلان قىلىنغان باياناتىغا دائىر سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

ئاقسوي: «ياۋروپا كېڭىشى بۇ باياناتنىڭ ئىككى ئەزا دۆلەتنىڭ يۈزلەندۈرىشى ۋە قارا چاپلىشىنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى.

ئاقسوي يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى نىشان قىلغان جەرياننىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىسا، چوقۇم بىتەرەپ ۋە سەمىمىي بولۇشى كېرەك. ئىلگىرى ئاممىغا ئېلان قىلىنغىنىدەك مۆتىدىللىق چاقىرىقىنى، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق تەرەپدارى بولغان دۆلىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى سۇيىئىتېمال قىلىۋاتقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سېلىۋاتقان، يىرىكچىلىكنى ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقان گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس ھۆكۈمىتىگە قىلىشى لازىم»

ھامى ئاقسوي مەسىلىلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە مۇزاكىرىلىشىش كېرەكلىكىنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچمەستىن، تاشلانغان ئىجابىي قەدەملەرگە لايىقىداجاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر