بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 21 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 21 كىشى قازا قىلدى.

1473609
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 21 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 21 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 955 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  67  مىڭ 214 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1256 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 992 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 229 مىڭ 972 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر