فاھرەتتىن كوجا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئۆزىنى «MaskTak» خەتكۈچى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا دوئېل ئېلان قىلىشقا تەكلىپ قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

1469241
فاھرەتتىن كوجا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ھەپتە #WearAMask #MaskeTak دېگەن خەتكۈچ بىلەن رىقابەت ئېلان قىلدى.

تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس مىنىستىر كوجاغا خەتكۈچ قويۇپ، ئۇنى بۇ يۈزلىنىشكە ئاۋاز قوشۇشقا تەكلىپ قىلدى.

رىقابەتكە قاتناشقان كوجا ئۆزىنىڭ  تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ھۆرمەتلىك باش دىرېكتور، ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت. مەن بارلىق دۆلەتلەرنى ماسكا تاقاشقا، ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاشقا ۋە پاكىزلىق قائىدىسىگە بويسۇنۇشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا رايونى دىرېكتورى خەنس كلۇگقىمۇ خەتكۈچ يوللىغان كوجا، «ھۆرمەتلىك دوستۇم @hans_kluge، بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز» دەپ يازدى.

مىنىستىر كوجا يەنە ئۇچۇرىغا «#WearAMask» «MaskTak» دېگەن خەتكۈچلەرگىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر