بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 19 كىشى قازا قىلدى.
1467720
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن يۇقۇم سەۋەبىدىن 19 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5784 كە چىققان بولدى.
بۇ 24 سائەت ئىچىدە 53مىڭ 842كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 178 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 15 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 219 مىڭ 506 كىشىگە يەتتى.