تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى مىڭدىن تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان مىڭدىن تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ساقلىماقتا.

1459377
تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى مىڭدىن تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە تۈنۈگۈن بىر كۈندە 18 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5526 گە يەتتى.

تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 42846  كىشىنىڭ 928 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى. بالنىستتىن چىققان 1009 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 204011 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر