ئاقار قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، پايتەخت ئەنقەرەدە قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييە بىلەن كۆرۈشتى.

1458596
ئاقار قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، مېھمان مىنىستىر خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييەنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى.

خاتىرە دەپتىرىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشتا، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مىنىستىر ئاقار ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ۋە مۇقىملىق يارىتىش يولىدىكى چوڭقۇر مەنىگە خىزمەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن (قاتارغا) مىننەتدارلىق بىلدۈرمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر زىيارەتنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى قاتار زىيارىتىنىڭ داۋامى ماھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، مۇكەممەل دەرىجىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ بۇ زىيارەت جەريانىدا ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاقار ھەپتە ئاخىرىدا قاتاردا زىيارەتتە بولغان ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن ھەمەد ئال سانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر