چاۋۇشئوغلۇ توگو پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى توگوغا ئەلچىخانا ئېچىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1458597
چاۋۇشئوغلۇ توگو پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ توگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت فائۇرې گناسسىڭبې تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بايانات بەردى.

توگودا نۇرغۇن كىشىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «مەن توگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈرك تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇشالمەن. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ سالامى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدۈم» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «توگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق. بۇنىڭدىن سىرت بۇ يەرگە بىر ئەلچىخانا ئېچىشنى قارار قىلدۇق. ئەلچىخانىمىزنىڭ قاچان ۋە قانداق ئېچىلىدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. يەنە بىر ئاي بۇرۇن قېرىندىشىم (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) روبېرت دۇسسېي مېنى تەكلىپ قىلغانىدى، ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلماستىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمدىن خۇشالمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر